14.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1762565
14.01.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن» گېزىتى: «ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنىلا بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئىشىمىز بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا سۆز قىلىپ: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2022- يىلى ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىكتىن قۇتۇلۇپ، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ دادىل ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، جۇغراپىيەۋى، تارىخىي ۋە ئىنسانىي نۇقتىدىن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش نىشانىدا چىڭ تۇرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنىلا بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئىشىمىز بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «تۈركىيەنىڭ تۇنجى يانچۇق سۈنئىي ھەمراھى Grizu-263 ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، بۈلەنت ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى يانچۇق سۈنئىي ھەمراھى  Grizu-263A نىڭ ئامېرىكانىڭ كەيپ كاناۋېرال بازىسىدىن SpaceX نىڭ Falcon 9 راكېتاسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ساباھ» گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ <مەرھابا تۈركىيە> سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ، دۆلەتنىڭ ئىسمىنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدا  «تۈركىيە» دەپ ئىشلىتىلىشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كاپالەندۈرۈش ئۈچۈن «مەرھابا تۈركىيە» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

«ستار» گېزىتى: «گېرمانىيە تاراتقۇلىرى «تۈركىيە چوڭ ئويلايدۇ» دېگەن تېمىدا باش ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، گېرمانىيە تاراتقۇسى – فوكسنىڭ تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى — TOGG غا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىلگەن بىر پارچە مەدھىيە ماقالىسى ئېلان قىلىپ، TOGG نىڭ يېڭى دەۋرنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقى يازغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «دۇنيانىڭ تۇنجى كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى: ئاقىنچى بايراقتار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ھەربىي ۋە مۇداپىئە سانائىتىگە دائىر مەزمۇنلارنى مەركەز قىلىپ تارقىتىش بېرىدىغان Oryx بىلوگىنىڭ، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىكى مۇداپىئە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيىتىنى خۇلاسىلىگەن ماقالىسىدە، بايراقتار ئاقىنچىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ ئوق - دورالىرىغا يېڭى نەرسىلەرنى ئىلاۋە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر