13.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1762150
13.01.2022

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «<HURJET> تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىش باسقۇچىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئىشلىتىدىغان يەرلىك ۋە دۆلەتلىك سىستېمىلارغا يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى قوشۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. كېلەر يىلى تۇنجى ئۇچۇشى پىلانلانغان مەشىق ۋە يېنىك ھۇجۇمچى ئايروپىلان <HÜRJET> ئۈچۈن بىرىنچى باسقۇچلۇق يۈرۈشلۈك ئىشلەپچىقىرىش قارارى ماقۇللاندى

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گىرېتسىيەنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزنى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئارقىلىق مۇقىمسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈركىيەنىڭ قەتئىي مەيدانى بىلەن بىر-بىرلەپ يىمىرىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئۇرۇنىلىۋاتقان <EastMed> تۇرۇبا لىنىيەسىنى قوللاشنى توختاتتى. فىرانسىيەنىڭ توتال ۋە ئامېرىكانىڭ <ExxonMobil> شىركەتلىرىمۇ گىرېت ئارلىدىكى يەر تەۋرەش تەتقىقاتى پائالىيىتەتلىرىنى توختاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «سەھىيە مىنىستىرى كوجا <تۇركوۋاك ۋاكسىنىسىنى بىخەتەر ئىشلىتەلەيسىلەر> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا كوۋىد-19 غا قارشى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋە بارلىق باسقۇچلۇق تەتقىقاتلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، جىددىي ئىشلىتىلىشى تەستىقلانغان يەرلىك ۋاكسىنا تۇركوۋاكنىڭ خىتاي ۋاكسىنىسى سىنوۋاكقا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئېيتتى. تۈركوۋاكنىڭ سەھىيە دۇنيا تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچەملىرىگىمۇ تولۇق چۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۇركوۋاك ۋاكسىنىمىزنى بىخەتەر ئىشلىتەيدىغانلىقىمىزنى ئۇنلۇك جاكالاشتا ھېچ كىشى ئىكىلىپ قالمىسۇن» دېدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «ماراكەش ئۇرۇش پاراخوتىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، تۈركىيە بىلەن كېلىشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ماراكەش مەتبۇئاتلىرى ماراكەش پادىشاھلىق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە بىلەن 7 دانە تېز ھۇجۇمچى پاراخوتى ۋە بىر كورۋىت سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى يازدى. مۇزاكىرىلەرنىڭ 2021-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغانلىقىنى ۋە جەمئىي 222 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. پاراخوتلارنىڭ 2022-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تاپشۇرۇلىشى پىلانلانغانلىقى تەكىتلەنگەن خەۋەردە يەنە، ماراكەشنىڭ تېز سۈرئەتتە تۈركىيە ھەربىي سانائىتىنىڭ ئېشىۋاتقان بازارلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ياۋروپادىكى رەھبەرلىك ئورنىنى يوقاتمىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

كوۋىد-19 يۇقۇمى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، يەرشارى شىركەتلىرى 2021-يىلى زىيان تارتتى. ۋەيران بولغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ سانى كۆپەيدى. چوڭ شىركەتلەر پەقەت دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەنلا ئۆزىنى ساقلاپ قالالىدى. يۇقۇم مەزگىلىدە نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى توختاتتى. تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولسا، يېڭى ئۇچۇش نۇقتىلىرىنى ئېچىىپ، تەرەققي قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ياۋروپادىكى ئۈستۈنلۈكنى يوقىتىپ قويمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر