12.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1761240
12.01.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، <قازاقىستاننىڭ يېنىدىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن قازاقىستاننىڭ يېنىدىمىز، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنى سەپەرۋەر قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر ئاقار، <22 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە ئەجەللىك زەربە بېرىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىدە 3 ئەسكەر شېھىت بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە ئەجەللىك زەربە بەردۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز، ھازىرغىچە 22 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، تېررورچىلارنى جازالاندۇرۇش نىشان قىلىنغان ھەرىكەتلىرىمىز يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركئالى – 1 قۇدۇقى ئېقىمى سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە نېفىت پاي شىركىتى، ساكاريا تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى تۈركئالى – 1 بايقاش قۇدۇقىدا، تۇنجى سۇ ئامبىرى سەۋىيەسىدىكى قۇدۇق ئېقىمى سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«‹ستار› گېزىتى»، «گېرمانىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت رېكورت سەۋىيەگە يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى گېرمانىيەگە  قىلغان ئېكسپورتى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى. تۈركىيەنىڭ 2021-يىلى گېرمانىيەگە قىلغان ئېكسپورتى، يىللىق نىسبەتتە % 22.9 ئېشىپ، 17 مىليارد 705 مىليون 400 مىڭ دوللارغا يەتتى.  شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەگە  قىلغان ئېكسپورتى تارىختىكى  ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن بولدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيەدىن 5 دۆلەتكە ئايروپىلان سەپەرلىرى قايتىدىن باشلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

«كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە پۇقرالار ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن توختىتىلغان جەنۇبىي ئافرىقا، بوتسۋانا، موزامبىك، نامبىيە ۋە زىمبابۋېگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرى تۈنۈگۈن قايتىدىن باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر