03.12.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1742460
03.12.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى: «ئالى كېڭەش ئورگىنى يىغىنىدا پارىژ كىلىمات كېلىشىمى مۇزاكىرە قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالىي كېڭەش ئورگىنى يىغىنىنىڭ تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە چاقىرىلغانلىقىنى، يىغىندا، تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى مەجلىس (پارلامېنت)تە ماقۇللاش ئارقىلىق بۇ مۇساپىگە قېتىلىشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى: «ئەردوغان يەرلىك دېڭىز زەمبىرىكى ئېتىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ماشىنا-خىمىيە سانائىتى ساھەسىدىكى ھۆكۈمەت - خۇسۇسىي تارماقلار ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ چىقارغان «يەرلىك دېڭىز زەمبىرىكى» نى سىناق ئېتىش مۇراسىمىغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىم ئىشلەپچىقارغان دېڭىز زەمبىرىكى سىستېمىسى بىلەن بۇ سىستىمىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى. ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ: قىرىمنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋېلىنىشىنى ئېتىراپ قىلمايمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم شەھىرىدە چاقىرىلغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 28 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، قىرىمنىڭ قانۇنسىز ھالەتتە قوشۇۋېلىنىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «جەنۇبىي كاۋكازدا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت پەنجىرىسى بار» دېگەنلىكىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «نويابىردا ئېكسپورت رېكورت سەۋىيەگە يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇشنىڭ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ: «ئېكسپورتىمىز نويابىردا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %33.4 ئېشىپ 21 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇ بىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئايلىق ئېكسپورتىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ستار» گېزىتى: «25 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى يېڭىلىق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت پاراخوتى قاتنىشىنىڭ 25 يىلدىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، يۈك ۋە ئاپتوموبىل توشۇمىچىلىقىغىمۇ شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان دېڭىز قاتنىشىنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر