30.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1740710
30.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركمەنىستان زىيارىتىدىن قايتىش سەپىرىدە مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەگە 10 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش پىلانى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنى ئىجرا قىلىپ، ئوخشىمىغان كەلگۈسىنى بەرپا قىلغان بولىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى تۈنۈگۈن  (2021-يىلى ب29-نويابىر) بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتمەكچى بولغان يەتتە كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۇتۇلغانلار ئىچىدە، قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر كىشىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيى (2021) دا ئۆتكەن يىل (2020) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %20.1 ئېشىپ 20 مىليارد 792 مىليون دوللارغا، ئىمپورتنىڭ %12.8 ئېشىپ 22 مىليارد 230 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، دىيارباكىر سېپىلىدىكى 71-بۇرجنىڭ «مەرۋانى ھۆكۈمدارى» نىڭ سارىيى ئىكەنلىكىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، «مەرۋانى سارىيى» سېلىنغاندىن كېيىن مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلار كېلىدىغان جاي بولغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر