29.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1740074
29.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى: «ئەردوغان: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا خەلقئارا ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى) رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا رايون ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، <تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئۇلارنى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرمىگەن ئاساستا كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك... رايونىمىزدىكى  پ ك ك، ي پ گ، فەتۆ، دائېش قاتارلىق قولى قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تازىلانغانسېرى تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى ئاشىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «ئەردوغان دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرگە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخاباتتا ئۆتكۈزۈلگەن 15- نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، قىبرىس مەسىلىسىدە قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە باراۋەر خەلقئارا سالاھىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «مەن بارلىق دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قارىشىغا بىر تەرەپلىمە باھا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ستار» گېزىتى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قوللاش باياناتلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ: «تۇنجى قېتىم جەنۋەدە ئوتتۇرىغا قويغان باراۋەر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، ئىككى ئايرىم دۆلەت قۇرۇش تەكلىپىمىز كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركمەنىستاندا چاقىرىلغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 15 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، <دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قارىشىغا بىر تەرەپلىمە باھا بېرىش>كە چاقىرىشى كۈچىمىزگە كۈچ بېغىشلىدى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «ئىران: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆپ يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇش قارار قىلىندى (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىرانلىق مەنسەپدىشى ئىبراھىم رەئىسىنىڭ تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۆپ خىل يۆنىلىش بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ساباھ» گېزىتى: «تۈركىيە ئىدلىبتا يېڭى شەھەر قۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سۈرىيەدىكى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتقان نەچچە يۈزمىڭلىغان پۇقرالارغا ياردەم قولىنى سوزغان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى، تەييار ئۆيلەردىن تەركىب تاپقان يېڭى شەھەر قۇرۇپ چىققانلىقىنى، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كەرەم قىنىقنىڭ بايانات بېرىپ: «تۈركىيە ياۋروپاغا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر