24.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1737877
24.11.2021

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: <سايلاملار ئۆز ۋاقتىدا 2023 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن ئاق پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك مەسئۇللىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىغا قارىتا تالاش - تارتىشلار ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «تېخىچە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام دەپ تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتىدۇ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، سايلاملار ئۆز ۋاقتىدا، يەنى 2023 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

 «‹ساباھ› گېزىتى»، «قارادېڭىز تەبىئىي گازىدا تۇنجى خىزمەت 2022 – يىلى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، قارادېڭىزدا تېپىلغان تەبىئىي گاز ساھەسىدە سۇ ئاستىغا تۇنجى تۇرۇبا ياتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ 2022 – يىلى باھاردا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ ئېيتتى. «

ستار› گېزىتى»، «مىنىستىر مۇش، <تۈركىيە مۇھىم قەدەم تاشلىدى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، تۈركىيەنىڭ دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن « 2020 – يىللىق دۇبەي يەرمەنكىسى» پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنىڭ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ، شۇنداقلا دۇنيا كۆرگەزمىلىرىگە قاتنىشىشقا بەرگەن قىممەتنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. «

ۋەتەن› گېزىتى»، «مىنىستىر ئاقار سومالى باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى راجېنى قوبۇل قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سومالى باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى ئوداۋا يۈسۈف راجېنى قوبۇل قىلدى. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوبۇلدا، مىنىستىر ئاقار، تۈركىيە بىلەن دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت سومالى ئوتتۇرىسىدا سىياسىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ، سومالى خەلقىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ساياھەت ساھەسىدە باھار ھاۋاسى: 10 ئايدا 21 مىليون ساياھەتچى كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەگە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 10 ئېيى ئىچىدە كەلگەن ساياھەتچىلەر سانى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 88 ئېشىپ، 21.1 مىليونغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر