16.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھى خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1734576
16.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 15-نويابىر) فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئېچىلغان لىۋىيە يىغىنى ئۈستىدە توختىلىپ: «لىۋىيەدە تىنچلىق خەلق تەرىپىدىن ئورنىتىلىشى كېرەك. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش چاقىرقى ناھايىتى سەتچىلىكتۇر. تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ تۈنۈگۈن تۈركىيە-موڭغۇلىيە ئارىلاشما ئىقتىسادىي كومىتېتى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن موڭغۇلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سائىخانبايار گۈرسەد بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىككى رەھبەرنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كۆرۈشۈشلەردە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي تارىخ، ئارخىپچىلىق، مۇزېيى ۋە ئاخبارات ئىشلىرىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»،  تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ 8-14-نويابىر (2021) كۈنلىرى ئارىسىدا كۈنلۈكى 1 مىڭ يەتتە ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ياۋروپادا ئەڭ كۆپ ئايروپىلان سەپىرى قىلغان ئىككىنچى  ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئادىياماندا 40 مىڭ يىللىق ئىكەنلىكى بايقالغان تۆت دانە تاش قاتما تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۆلۈكيايلا يېزىسىدا 21 ياشلىق گۈلجان ئۆزتۈركنىڭ تېپىۋېلىپ، ئادىيامان مۇزېيىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، مۇزېيى خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە، تاش قاتمىلارنىڭ 40 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئېئوسېن دەۋرى نۇمىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە يەككە ھۈجەيرىلىك دېڭىز جانلىقلىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر