15.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1733972
15.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «ئەردوغان: <18 – مارت كۆۋرۈكى دۇنيادا بىرىنچى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ئەزىنەلى يەھيا سېرژانت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدا ياشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، 1915-يىلى چاناققەلئە كۆۋرۈكى ھەققىدە توختالغانلىقىنى ۋە كۆۋرۈكنىڭ بىر تەرىپى ئاسىيا، يەنە بىر تەرىپى ياۋروپا بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىككى قىتئەنى تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «18 – مارت كۆۋرۈكى دۇنيادا بىرىنچى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: <بىز ئاھىسكا تۈركلىرىگە كېرەكلىك ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئاھىسكادىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 77- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھازىرغا قەدەر قىلغاندەك، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قايتىش جەريانىنى يېقىندىن كۆزىتىشنى شۇنداقلا قېرىنداشلىرىمىزغا كېرەكلىك ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «قارائىسمائىلئوغلۇ خۇش خەۋەر بەردى: تۇنجى يەرلىك ۋە توك پويىز كېلىش ئالدىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، قاتناش ۋە ئۇل-ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇنىڭ، «تۇنجى يەرلىك توك پويىز ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تاماملاندى، لايىھەلەش سۈرئىتى سائىتىگە 176 كىلومېتىر، مەشغۇلات سۈرئىتى 160 كىلومېتىر شەكلىدە. پويىزلىرىمىز ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلقىمىزگە مۇلازىمەت قىلىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ياۋروپا بويىچە ئەڭ چىدامچان ئايرودۇرۇم بولدۇق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى ۋە دىرېكتورى قادرى سامسۇنلۇ، «ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ياۋروپا بويىچە ئەڭ چىدامچان ئايرودۇرۇم بولدۇق، 2020-يىلى بىرىنچى بولغان ئىدۇق، 2021-يىلىمۇ بىرىنچى بولۇش ئېھتىمالىمىز يۇقىرى» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيە ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پائالىيەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان 2022-يىلى 21-نويابىردىن 18-دېكابىرغىچە قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر