12.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1732944
12.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق» گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىچوتاكىسقا قاتتىق سۆزلەر (نى قىلدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بەش مىليون مۇساپىرنى كۈتۈۋالغان بىر دۆلەتنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش تولۇق مەنىدىكى تۇزكورلۇقتۇر. دۇنيانى ئالدىيالىساڭلارمۇ تۈركىيەنى ئالدىيالمايسىلەر» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بەردى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغان يەنە گىرېتسىيەنى بىر بازىغا ئايلاندۇرغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغىمۇ خىتاب قىلىپ: «بىز بۇ ھەقتە سوئال سورىغىنمىزدا، جو بايدىن ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى سەمىمىي ھەرىكەت قىلمايۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تاللىغان قوشنىسى خاتا قوشنىدۇر» دېگەن.

«ساباھ» گېزىتى: «تاشقى ئىشلار (مىنىستىرلىقى) كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا غەربكە نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بېلارۇسىيە- پولشا چېگراسىدا باش كۆتۈرگەن كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىن كېيىن تۈركىيەنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلىنغان بىمەنە باياناتلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىز تۈركىيەنىڭ ئۆزى تەرەپ بولمىغان بىر تېمىدا مەسىلىنىڭ بىر پارچىسىدەك قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلىمىز. يەنە كېلىپ، بۇ مەسىلىدە ئوچۇق – ئاشكارا ئۇچۇر ئورتاقلىشىلغان بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئوخشاش دۇنيا مىقياسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر شىركەتنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىنى، غەرەزلىك قىلىنغان بىر ئىش دەپ قارايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «مىنىستىر ئاقار: تۈركىيە ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئاز ساندىكى قوشۇنلار ئېرىشەلەيدىغان يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيە ئارمىيەسى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى قوشۇنلار ئېرىشەلەيدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەۋزەللىككە ئېرىشتى. مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنىمىزنىڭ لاياقەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئۇ ھاسىل قىلغان ئېكو- سىستېما بىلەن ئېرىشكەن ھازىرقى نۇقتىمىز ئادەمنى ھەقىقەتەن پەخىرلەندۈرىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ (ئىقتىسادىي) ئېشىش مۆلچەرىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسىنىڭ «ياۋروپا ئىقتىسادىي مۆلچەرلىرى، 2021 – يىل كۈز» ناملىق دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى %5.2 تىن %9 كە ئۆستۈرگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

«ستار» گېزىتى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تارىخىي ھۈرقۇش قارارى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ تۈركىيە پۇقرالار ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسىنى «پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئورگىنى» دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، تۈركىيە قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ «تارىخىي قەدەم» دەپ ئېلان قىلغان قارار بىلەن بىرلىكتە، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان «ھۈرقۇش»نىڭ ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەلىرىدە ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىدىغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر