08.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1730628
08.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار» گېزىتى: «ئەردوغان مەھمەتچىككە (ئەسكەرلەرگە) خىتاب قىلىپ، <سانجاق (بايراق) بىزنىڭ مۇقەددەسىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چېگرا بۈركۈتلىرىگە خىتاب قىلىپ: «سانجاق بىزنىڭ مۇقەددەس نەرسىلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بايلىقىمىزدۇر. بايرىقىڭلارنى قانداق قوغدايدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن» دېگەنلىكىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «تېررورچىلار بىر يەردە ئىككى كېچە ئۇخلىيالمايدۇ (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ، 2015- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن بۇيان تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان تېرورچىلار سانىنىڭ 32 مىڭ 859 گە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «1- يانۋاردىن بۇيانقى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە جەمئىي 2 مىڭ 384 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، تېررورچىلار بىر يەردە ئىككى كېچە ئۇخلىيالمايدۇ، ئۇلار ھەدائىم تۈرك ئەسكىرىنىڭ تىنىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: ئىراق باش مىنىستىرى كازىمىنىڭ تۇرالغۇسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا كازىمىنىڭ تۇرالغۇسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى؛ باياناتتا: «تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرەشتە، مەنبەسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىراق خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى: «گۆبەكلىتەپە 10 ئاي ئىچىدە زىيارەتچىلەر سانى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، 12 مىڭ يىللىق تارىخى بىلەن «تارىخنىڭ نۆل نۇقتىسى» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان شانلئۇرفادىكى گۆبەكلىتەپەنى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا تەخمىنەن 460 مىڭ كىشىنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىرغىچە كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى سان ئىكەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بالا مېھمانلار ئۈچۈن ئالاھىدە ساياھەت لازىمەتلىكلىرى تەييارلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى —THY نىڭ بالا يولۇچىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ساياھەت بۇيۇملىرى تەييارلىغانلىقى؛ «زۆرۈر بەش نەرسە» دېگەن نام ئاستىدا تەييارلانغان بۇيۇملارنىڭ ئىچىدىكى كۆز چاپلىقى، قۇلاق قۇلۇلىسى، پايپاق ۋە چىش يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ تۈركىيەدىن يولغا چىقىدىغان ئۇزۇن يوللۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردىكى يولۇچىلارغا بېرىلىشكە باشلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر