05.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1729728
05.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى:  «ئەردوغان: يىل ئاخىرىغىچە ئىككى خانىلىق ئېشىشنى قولغا كەلتۈرىمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تۈركىيە 2023 يۇقىرى دەرىجىلىكلەر» يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلىپ، تۈركىيەنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېكىسپورت، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «گەرچە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار %9 مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىز يىل ئاخىرىغىچە ئىككى خانىلىق (ئىقتىسادىي) ئېشىش رەقەملىرىگە يېتىمىز، دەپ ئويلاۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «ئەردوغان: تۈركىيە كېڭىشى قېرىنداشلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ سىمۋولى (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 6 - نۆۋەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى بىلەن خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى پەنلەر كېڭىشىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا يوللىغان سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگراممىسىدا: «تۈرك كېڭىشى ئوتتۇرىمىزدىكى قېرىنداشلىقنىڭ، ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى:  «چاۋۇشوغلۇ: بۇ تەكلىپ بايدىن تەرىپىدىن كەلدى (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ك ك / پ ي د / ي پ گ بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقى، فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى)نىڭ ئامېرىكادىكى مەۋجۇدىيىتى ۋە س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك جازانىڭ ئىتتىپاقداشلىق روھىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان بىر ىىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرىمىز. بۇ تەكلىپ ئامېرىكا تەرەپتىن، بايدىن تەرەپتىن كەلدى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى: «قالىننىڭ F-35 باياناتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى F-35 كىرىزىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىشنى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى مۇھىم ئىش قاتارىدا پىروگراممىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئورنىنىڭ  F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق  ھەل تولدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «ياۋروپا قۇرۇلۇش – تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ يىل ئاخىرىدىكى ئېشىش مۆلچەرىنى %9 كە كۆتۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ياۋروپا قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ 2021- يىلىدىكى ئېشىش مۆلچەرى %5.5  تىن %9 كە ئۆستۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر