27.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1725622
27.10.2021

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «قاراباغدا تارىخىي بىر كۈن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قاراباغنىڭ دۇنياغا ئېچىلىدىغان ئىشىكى بولغان فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى، ھەمدە ئولتۇرغان ئايروپىلانى فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونغان تۇنجى دۆلەت باشلىقى بولدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەرمېنىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرتىنى قاراباغدا جاكارلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ رايوندا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجانغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى، ھەمدە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە سەمىمىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشى لازىملىقىنى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق بىر توسالغۇنىڭ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئىراق – سۈرىيە قارارنامىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە مۇداخىلىدە بولۇش ئۈچۈن ئىراق ۋە سۈرىيەگە ئەۋەتىلىشى مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىسقا بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ مۇددىتىنى 2 يىل ئۇزارتىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىندى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «<ئۇچبەگ> تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ماردىن ۋىلايىتىنىڭ ئەرتۇقلۇق ناھىيەسى يېزىسىدا 23 ئۆكتەبىر كۈنى 2 تېررورچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ياسالغان ۋە تۇنجى قېتىم ساھەدە ئىشلىتىلگەن «ئۇچبەگ» ناملىق يەرلىك ۋە مىللىي  VTOL (تىك قونالايدىغان ۋە ئۇچالايدىغان)  ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىغا  كۆرۈنۈشلەرنى دەرھال ھاۋادىن يەتكۈزۈپ بېرىشى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «مىللىي توك پويىزىنىڭ قاتناشقا باشلايدىغان ۋاقتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

زاۋۇتتىكى سىناقلىرى تاماملانغان مىللىي توك پويىزىنىڭ كېلەر يىلى قاتناشقا باشلىشى كۈتۈلمەكتە. سۈرئىتى سائىتىگە 160 كىلومېتىرغا يېتىدىغان مىللىي توك پويىزىدىن 3 ى،  كېلەر يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك تۆمۈر يوللىرى ترانسپورت شىركىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر