26.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان ىەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1725059
26.10.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: <<ساباھ گېزىتى>>، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۆت كۈنلۈك ئافرىقا زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 21-ئەسىردە ئافرىقانىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئافرىقادا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىزلىرىنىڭ ھەر ساھەدە كۆرۈلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئافرىقالىقلارنىڭ تۈركىيەگە پەرقلىق قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: <<ئافرىقاغا بازار سۈپىتىدە ئەمەس، شېرىك سۈپىتىدە قاراش بىلەن ھەمكارلىق كۆۋرۈكلىرىنى سالىمىز، مۇستەملىكىچىلەرنى داۋاملىق بىئارام قىلىمىز>> دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

<<خەبەر تۈرك گېزىتى>>، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 10 دۆلەت باش ئەلچىلىرىنى <<قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر>> ئېلان قىلىش ئۈچۈن يوليورۇق بەرگەن ئىدى. ئامېرىكا ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىلىرى، دىپلوماتلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ۋە نىزامنامىلىرىگە رىئايە قىلىشى تەكىتلەنگەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى ۋىيېننا شەرتنامىسىنىڭ 41-ماددىسىغا رىئايە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كەينىگە قەدەم تاشلىدى.

<<ھۆررىيەت گېزىتى>>، جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 10 دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ ئوسمان كاۋالا توغرىسىدا كەينىگە قەدەم تاشلىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: <<بىزنىڭ مەقسىتىمىز كىرىزىس پەيدا قىلىش ئەمەس، تۈركىيەنىڭ شەرىپىنى، غۇرۇرىنى قوغداش. باش ئەلچىلەر بايانات ئېلان قىلىپ، خاتالىقلىرىدىن قايتتى. بۇ ئەلچىلەرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا دىققەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز>> دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

<<ۋەتەن گېزىتى>>، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ، ئوسمان كاۋالانىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلغان باش ئەلچىلەر كەينىگە قەدەم تاشلىغاندىن كېيىن: <<دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىش مەنىسىگە ئىگە ھەر قانداق باياناتنى قەتئىي رەت قىلىپ كەلدۇق ۋە رەت قىلىمىز>> دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۆمەر چەلىكنىڭ  يەنە: <<جۇمھۇر رەئىسىمىز دۆلىتىمىزنىڭ بېشى بولۇش سۈپىتىدە، بۇ نۇقتىدىكى مەيدانىنى ناھايىتى روشەن ۋە ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە نامايان قىلدى>> دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

<<يېڭى شەپەق گېزىتى>> تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ بوشىتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، ئەمما بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىشغالى داۋاملىشىۋاتقان شىمالىي سۈرىيەدىكى رايونلاردىن قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملاردىن كېيىن، ھەربىي ھەرىكەت سىگنالىنى بېرىشى بىلەن تەڭ، ھاۋا ھەرىكىتىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە پ ك ك كونتروللۇقىدىكى كامىشلى ۋە ئاين ئەلئاراب ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر