22.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1723416
22.10.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى: «بىز بىر مىليارد 400 مىليون دوللىرىمىزنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئالىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئانگولا، توگو ۋە نىگېرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ۋە بۇ جەريانىدا:  «(ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆلىگەن) بىر مىليارد 400 مىليون دوللىرىمىزنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئالىمىز. ھەرقانداق ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ ھوقۇقىنىڭ نابۇت قىلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «مىنىستىر چاۋۇشوغلۇنىڭ <ئالماشتۇرۇش (swap)> باياناتى»  سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ دائىرىدە مەركىزىي بانكىلىرىمىزنىڭ ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن، سودا مۇناسىۋىتىمىزدە مىللىي پۇللىرىمىزنى ئىشلەتسەك بولىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بەردى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «سودا مىنىستىرى مۇش: تۈركىيە-ئافرىقا سودا مىقدارى 25 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتتى (دېدى)» (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇشنىڭ، تۈركىيە بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «2003- يىلى تۈركىيە - ئافرىقا سودا سوممىسى 5 مىليارد 400 مىليون دوللار ئىدى،  2020 – يىلىغا كەلگەندە بۇ مىقدار 25 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتتى» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ستار» گېزىتى: «تۈركىيەدىن رايونغا ئىقتىسادىي ھەرىكەت (قوزغىدى)! بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ سودا مىنىستىرلىقى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزىدە چاقىرغان «3 -  نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرى» بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى؛ ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، مۇنبەر خۇسۇسىي تارماقلارنى نۇقتىلىق ھالدا تېخنىكا، ساياھەت، دېھقانچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى، توك يەتكۈزۈش ۋە تارقىتىش ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمىتى، ئاۋىياتسىيە، دېڭىزچىلىق، مائارىپ، سەھىيە ۋە ساپ كاربون قويۇپ بېرىش قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى يازدى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «ماردىندا 12 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇتخانا بايقالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ماردىننىڭ دارگەچىت ناھىيەسىدىكى قېزىش — تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا 12 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بىر بۇتخانىنىڭ تېپىلغانلىقىنى؛ قېزىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايوننىڭ گۆبەكلىتەپەدىنمۇ ئۇزۇنغا تارىخقا ئىگە بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنىڭ قەيت قىلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر