21.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1722783
21.10.2021

 

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئەردوغاننىڭ دۇنياغا قىلغان ئېنىق ئۇچۇرى: <بىز نىگېرىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «بىز تۈركىيە-نىگېرىيە مۇناسىۋىتىنى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈردۇق، نىگېرىيە بىلەن ھەربىي مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى..

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، "تۈكىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىستىخبارات تەشكىلاتى دەل نىشانغا تەككۈزدى" سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

8 - ئۆكتەبىر تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان بىرلەشمە ھەرىكىتىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​ئايال ئەمەلدارى تايبەت بىلەننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تايبەت بىلەننىڭ مەھمۇر لاگېرىغا كېتىۋاتقاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «فۇئات ئوكتاي پۇل پاخاللىقى ھەققىدە توختالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاينىڭ: «پۇل ۋە مالىيە سىياسىتىمىزنى تەمىنلەش يۈزلىنىشلىك قۇرۇلما سىياسىتىمىز بىلەن ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىشى بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىنى بىر خانىلىق سانغا چۈشۈرۈشتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «ئېكسپورتتىن قولغا كەلگەن ھەسسە %1 تىن ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇشنىڭ تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېكسپورت سودىسىدىكى ئۈلۈشىنىڭ %1 تىن ئاشقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ھەمبەھىرلىدى..

«‹ستار› گېزىتى»  «تۈركىيە ئېسىل بىر دۆلەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئانتاليادا بىر يەرگە جەم بولغان 3 نەپەر رۇسىيەلىك ۋە 1 نەپەر ئۇكرائىنالىق دوستلار لىكيا يولىنى 25 كۈندە پىيادە مېڭىپ تۈگىتىدىغان بولدى. تەبىئەت سۆيەرلەر تۈركىيەگە تۇنجى قېتىم كەلگەن بولۇپ، لىكيا يولىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ۋە تەبىئىي گۈزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مىخايىل چېرنىياۋىسكىي: "ھەممە يەر تارىخقا تولغان. بەزى رايونلاردا تارىخ، تەبىئەت ۋە دېڭىز ئاجايىپ گۈزەل. تۈركىيە ئېسىل بىر دۆلەت. كىشىلەر تولىمۇ دوستانە، ئۇلار ھەتتا تاغ چوققىسىدىمۇ سىزگە بىر نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر