15.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1720125
15.10.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن» گېزىتى: «تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تالىبان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئافغانىستان مۇۋەققەت ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۈمىكى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تالىبان ھەيئىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئافغانىستانغا قىلغان ياردىمى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇلارمۇ بىزنىڭ بولۇپمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر، ئۇ يەردىكى سېلىنمىلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى، ئىقتىساد، يەنى تەرەققىيات ياردەملىرى بىلەن باشقا ئورگانلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە قىلىپ كەلگەن ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «ئاقار: قىلىنىشقا تېگىشلىك قانداق ئىش بولسا، ۋاقتى كەلگەندە قىلىنىدۇ (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «ھەق – ھوقۇق ۋە مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ۋە ئاسراش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ھەر قانداق ئىش، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە بۈگۈنگىچە قانداق قىلىنغان بولسا، ھېچكىم شۈبھە قىلمىسۇنكى، يېرى ۋە ۋاقتى كەلگەندە ئوخشاش شەكىلدە قىلىنىدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ساباھ» گېزىتى: «تولۇق مۇستەقىل مۇداپىئە سانائىتى(نىڭ ئەھمىيىتى) تەكىتلەندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە چاقىرىلغان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا، يەرلىك ۋە مىللىي سىستېمىلارغا يېڭى سىستېمىلارنى ئىلاۋە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، تولۇق مۇستەقىل مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ستار» گېزىتى: «يەنە ئىككى دۆلەت تۈرك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى سېتىۋالماقچى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئېفىيوپىيە بىلەن ماراكەشنىڭ بايقار مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەلەپ سۇنغانلىقىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئايال» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، قارابۈكنىڭ سافرانبولۇ ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق رۇمەيسا گەلگىنىڭ 2 مېتىر 15 سانتىمېتىرلىق بويى بىلەن «دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئايال» رېكورتىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر