13.10.2021
بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 20 – گ گۇرۇھى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن 20 – گ گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ «ئافغانىستان مەسىلىسى» تېمىلىق پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستان خەلقىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ دۆلەتنى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇشتەك ھەشەمەتچىلىكى يوقتۇر، ئافغانىستان مەسىلىسىدە دىيالوگ قاناللىرىنى ئوچۇق قالدۇرۇپ، تالىبانلارنى ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.»
«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ دۆلەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كابۇلدا زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.»
«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئىسپانىيەگە ھەم مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەم تەبرىك خېتى يوللىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ئىسپانىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مېرتسېل باتېت ۋە ئىسپانىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئاندېر گىل گارسىياغا بىرەر پارچىدىن مەكتۇپ يوللىدى. شەنتوپ خېتىدە، 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئىسپانىيەگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، ئۆزى ھەم ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.
«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، تۈنۈگۈن، تۈركىيەنىڭ ئاۋغۇست ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى، ئاۋغۇستتا ئايلىق نىسبەتتە % 5.4، يىللىق نىسبەتتە % 13.8 ئاشقان.
«‹ستار› گېزىتى»، «خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF)، تۈركىيەنىڭ 2021 - يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنى% 5.8 تىن% 9 كە يۈكسەلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2022-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنى% 3.3 تەرىقىسىدە مۇقىم قىلىپ بېكىتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
19.04.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: