12.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1718357
12.10.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: <<يېڭى شەپەق گېزىتى>>، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كابېنت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قىلىنىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى چىداپ تۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: <<ساقچىلىرىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇم ۋە زېمىنىمىزغا خىلاپ قىلمىشلار، پىيالىدىكى سۇنى تاشقۇزغان بىر تامچە بولدى. مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز>> دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

<<ھۆررىيەت گېزىتى>>، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش توغرىسىدا توختالغاندا: <<بۇرۇن كىرىلمىگەن قانچىلىك جايلار بولسا، قاراڭغۇ تاغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر بىر يەرگە كىرىپ، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردۇق ۋە تېررورىستلارنى تىز پۈكتۈردۇق>> دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

<<خەبەر تۈرك گېزىتى>>، ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل (2021) نىڭ دەسلەپكى توققۇز ئېيىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى توققۇز ئېيىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل سانى ئالدىنقى يىل (2020) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %8 ئېشىپ 921 مىڭ 619 دانىگە يەتكەنلىكى، ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل سانىنىڭ بولسا %9 ئېشىپ 671 مىڭ 674 دانىگە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

<<ساباھ گېزىتى>>، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ 4-ئۆكتەبىردىن 10-ئۆكتەبىرگىچە بولغان ۋاقىتتا، ھەر كۈنى 1185 ئايروپىلان سەپىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ياۋروپادا ئەڭ كۆپ ئايروپىلان سەپىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىككىنچى ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر