29.09.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1712133
29.09.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇركۇۋاك ۋاكسىنىسى ھەققىدە سىگنال بېرىپ، <تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يەر شارى خاراكتېرلىك «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا يوللىغان سىنلىق تېلېگراممىسىدا، مۇنداق دېدى: «كەڭ دائىرىلىك ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىمىز ئارقىلىق، 18 ياشتىن چوڭ 2 – شېشە ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىدە % 70 نىشانغا ئىنتايىن يېقىنلاشتۇق،  بۇنىڭدىن باشقا يەنە،  ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتلىك ۋاكسىنا نامزاتلىرىمىزنىمۇ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇشنى ئەھدە قىلىمىز.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 30 – 31 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا چاقىرىلىدىغان 20 – گ گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «پۈتكۈل دۇنيا قورال – ياراغلىرىمىزنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

روكەتسان گۇرۇھى باش دىرېكتورى مۇرات ئىكىنجى، تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قورال – ياراغلىرىمىزنىڭ ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قىزىقىشىنى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزمەكتە، دەرۋەقە، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى بازارلىرىدىكى ئۈلۈشى زورايماقتا.»

«‹ستار› گېزىتى»، «ئافرىقاغا تۈرك ئىمزاسى! <ھەممە قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا شاھىت بولماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

، كامېروننىڭ ئىقتىسادىي پايتەختى دوئۇئالادا تۈرك ھۆددىگەرلىرى تەرىپىدىن ياسالغان «دوئۇئالا جاپوما تەنتەربىيە مەيدانى» پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئافرىقا لايىھەلىرى دىرېكتورى تاھسىن تۇفان سەرجان، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى، ئافرىقا پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە كامېرون دائىرىلىرىنىڭ داۋاملىق ماختىشىغا زاساۋەر بولۇۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كامېرونلۇقلار تۈرك ھۆددىگەرلىرىنىڭ قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، « Standard & Poor’sتۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Standard & Poor’s، تۈركىيەنىڭ 2021 – يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى % 6. تىن % 8.6 كە يۈكسەلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر