2021.09.15

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1706482
2021.09.15

 »ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ۋابادىن بۇرۇنقى مەزگىلنىڭ ئۈستىگە چىققانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشتا تېز يۈكسېلىشنىڭ بارلىققا كېلىپ، ۋابادىن بۇرۇنقى مەزگىلنىڭ ئۈستىگە چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كۆرسەتكۈچلەر ئىقتىسادتىكى مۇسبەت يۈكسېلىشنىڭ ئېشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى. «

ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 19-22-سېنتەبىر ئارىسىدا ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۇنياغا نىيۇ يوركتا ب د ت مۇنبىرىدە كۆچ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ۋابا توغرىسىدا مۇھىم سىگناللارنى بېرىدىغانلىقى، دۇنيا رەھبەرلىرىگە «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن» دېگەن كىتابىنى تەقدىم قىلىدىغانلىقى ۋە «تۈرك ئۆيى» نىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. «

يېڭى شەپەق گېزىتى»، سۈرىيەلىك مۇساپىرلاردىن كېيىن، ئافغانىستاندا ئېشىۋاتقان كۆچ بېسىمىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆچ مەسىلىسىگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە، مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەر ھالدا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنىڭ تېزلشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى. خەۋەردە، يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە ب د ت ۋە ياۋروپادىن ئۈچ مېھمان كۈتۈۋالغان تۈركىيەنىڭ، مەسىلىگە خەلقئارالىق جەمئىيەت بىلەن بىرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى

«ستار گېزىتى»، يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى بىلەن قاتار ئارمىيەسى تىل مەكتىپى ئوتتۇرىسىدا تۈركچە كۇرس ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ تېخنولوگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان جەمئىيەتكە ئايلىنىشىنى نىشان قىلغان 4-قېتىملىق تېكنوفەست ئاۋىياتسىيە، ئالەم ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالىنىڭ (TEKNOFEST) 2021-يىلى 21-26-سېنتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 خەۋەردە، بۇ يىل فېستىۋالغا 39 مىڭ 684 ئەترەتنىڭ ئىلتىماس سۇنۇپ، رېكورت يارىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى. خەۋەردە يەنە، فېستىۋالدا توك ئاپتوموبىللار، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، سۈنئىي ھەمراھ ۋە دېڭىز ئاستى پاراخوتلىرى سىستېمىلىرىغىچە بولغان 35 ئوخشىمىغان كاتېگورىيەدە مۇسابىقىلەر ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر