13.09.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1705815
13.09.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان تۈركوۋاك ۋاكسىناسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىنىقىنى قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە قىلشتا، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۇ ھەقتە پاكىستان، ئەزەربەيجان، ئارگېنتىنا، كولومبىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەنمۇ سۆزلىشىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2021-يىللىق ئىستراتېگىيەلىك دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇشىنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ۋە ۋاز كەچكىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەلىللەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «فاتىھ» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزدىكى ساكاريا گاز مەشغۇلات رايونىدا بۇرغىلاشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ بۈگۈنگىچە قارا دېڭىزدا ئېلىپ بارغان بۇرغىلاش خىزمەتلىرىدە 540 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بايقىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ۋولېرى زالۇجنىنىڭ 2021- ۋە 2022 –يىللىرىدا تۈركىيەدىن تۆت دانە «2ت ب-بايراكتار» ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە ئۇچۇر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۈمىد ئۆندەرنىڭ چوڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۈمىد ئۆندەرنىڭ، «ئامېرىكا ۋە خىتايدىكى شىركەتلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز. ئىزمىت، مەرسىن ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە تەتقىقاتلار قىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇ يىل ئاخىرىغىچە 4-3 چوڭ شىركەت مەبلەغ سېلىشقا كېلىشى مۇمكىن. ئۇچۇر سانائىتى ساھەسىدىكى چوڭ شىركەتلەر تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىۋاتىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر