09.09.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1705106
09.09.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «مىسىر بىلەن بولغان كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى مەسلىھەتلەرنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۆھبەتكە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن كېڭىشىشنى داۋاملدشتۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى يازدى.  

«‹ستار› گېزىتى،  «گۋىنىيەدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى<ئېچىلىش>» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، گۋىنىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى فىرانسىيەدىن ئايرىم دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ: «فرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە تەربىيەلەنگەن گۋىنىيەلىك ھەربىي ئەمەلدار پىرېزىدېنت ئالفا كوندېنىڭ دۆلەتنى رۇسىيە ۋە تۈركىيەگە يېقىنلاشتۇرۇشىدىن بىئارام بولدى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنىكا فېستىۋالى «TEKNOFEST» داۋاملاشماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، <TEKNOFEST> ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنىكا فېستىۋالى دائىرىسىدە، روكېتسان شىركىتىنىڭ كاپالىتى ۋە تۈركىيە پەن-تېخنىكا تەتقىقات كېڭىشىنىڭ قوللىشى بىلەن 1 – سىنتەبىردە تۇز كۆلىدىكى ھىسار ئېتىش مەيدانىدا باشلانغان «راكېتا بەيگىسى»نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنىكا فېستىۋالىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى لايىھەلەپ ياساپ چىققان ۋە ئىشلەپچىقارغان راكىتانىڭ يۇقىرى ئېگىزلىككە قويۇپ بېرىلىشى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى يازدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ۋاكسىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۈچلۈك دۆلەت بولغانلىقتۇر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ۋاكسىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەم مالىيە ۋە ئىلمىي بايلىق جەھەتتىنمۇ مۈشكۈل ۋەزىپە ئىكەنلىكى، تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىلىرىنىڭ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستاندا ياساپ چىقىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭمۇ پات يېقىندا تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقارغان كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ۋە يەرلىك تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى تۇركوۋاكنىڭ قىش كېلىشتىن بۇرۇن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «يەرلىك ئاپتوموبىل «TOGG»، 2022 -يىلى يوللاردا بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانك تەقەززالىق بىلەن كۈتىلىۋاتقان يەرلىك ئاپتوموبىل TOGG نىڭ 2022-يىلى زاۋۇتتىن چىقىپ، يوللاردا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇستاپا ۋارانك ئاپتوموبىل لايىھەسىدە ھەممە ئىشنىڭ پىلاندىكىدەك داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، تۇنجى يەرلىك ئاپتوموبىلنىڭ تۈركىيەنى ماشىنا سانائىتىدىكى يېڭى بىرلەشمىگە ئېلىپ كېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر