25.08.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1696900
25.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەردوغان <قەيەردە ئىدۇق، قەيەرگە كەلدۇق> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزلىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋرلەردە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مۇھىت ئاسراش، شەھەر باشقۇرۇش، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت، ساياھەت، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە گىرافىك ئارقىلىق تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قانچىلىك خۇلاسە قىلىشقا تىرىشساق تىرىشايلى، كەلىمىلەر بىلەن ھەقىقىي رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ بولالمايدىغان، سائەتلەرچە، ھەتتا كۈنلەرچە ئوتتۇرىغا قويۇپمۇ تولۇق تەسۋىرلەپ بېرىشكەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلدۇق، جۈملىدىن ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان تۈركلەرنىڭ سانى ئېنىق بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئافغانىستاندىكى تۈركلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە ئافغانىستاندىن 1404 كىشىنى تارقاقلاشتۇردۇق، بۇلاردىن 1061 ى بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز، قالغانلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدۇر، 200 ئەتراپىدا تۈركىيەگە قايتىشنى خالايدىغان پۇقرالىرىمىز باردۇر.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  ئۇكرائىنادا مۇستەقىللىقنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە < Bayraktar TB2 > كۆرگەزمە قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۆلەت مۇستەقىللىقىنىڭ 30 – يىللىقى» نى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ئائىت (تۈركىيەدە ئىشلەنگەن) « Bayraktar TB2 » ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمۇ كۆرگەزمە قىلىندى، بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى كىيېۋ ئۈستىدە ئۇچسا، يەنە بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مۇراسىم ساھەسىدىن ئۆتتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيە خەلقئارالىق ھۆددىگەرلىك ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خەلقئارالىق قۇرۇلۇش كەسپى ژۇرنىلى «Engineering News Record» تەرىپىدىن، خەلقئارالىق ھۆددىگەرلەرنىڭ ئالدىنقى يىلى چەت ئەللەردىكى پائالىيەتلىرىدىن قولغا كىرگۈزگەن كىرىملىرى ئاساس قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە، خىتاي 78 شىركەت بىلەن 1 -، ئامېرىكا 41 شىركەت بىلەن 2 -، تۈركىيە 40 شىركەت بىلەن 3 – بولدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «فىلەنىڭ سۇلتانلىرى زەپەر قۇچتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

2021 – يىللىق ياۋروپا ئاياللار ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، فىلەنىڭ سۇلتانلىرى (ئا دۆلەتلىك كوماندىمىز)، گوللاندىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجىدە بىلەن يەڭدى. شۇنىڭ بىلەن، ئا دۆلەتلىك كوماندىمىز (D) گۇرۇپپىسىنى باشلامچى سەۋىيەسىدە تاماملاپ ،  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر