19.08.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1693720
19.08.2021

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەردوغان تالىبان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىدىن سىگنال بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نەق مەيدان پىروگراممىسىدا ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۈستىدە توختىلىپ، «بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىمىز تالىبان بىلەن خېلى مەزگىللەردىن بۇيان ئالاقىلاشماقتا. بىزمۇ ئىلگىرى تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدۇق. ئافغانىستان خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش نۇقتىسىدىن ھەر تۈرلۈك ھەمكارلىقلارغا تەييارمىز. تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ مۆتىدىل بايانلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئاقار: <بىز ئافغانىستاندا ئەسكەرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلىرىمىزنى ئالدۇق> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «بىز ئەسكەرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندۇق ۋە قوللىنىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەسكەرلىرىمىزنى خەتەرگە ئىتتىرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

‹ستار› گېزىتى، «تۈركىيە ئارمىيەسى <ئۇچار قەلئە>نى يوللىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تالىبان كابۇلدا كونتروللۇقنى ئالقىنىغا ئالغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە <ئۇچار قەلئە> دەپمۇ تونۇلغان «A400 M» تىپلىق ترانسىپورت ئايروپىلانىنى يوللىدى ۋە تۈركىيەگە قايتىشنى ئىلتىماس قىلغان 200 دىن ئارتۇق تۈركىيە پۇقراسىنى ئېلىپ كابۇلدىن يولغا چىقتى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «لىۋىيە ئوچۇق جاكارلىدى؛ «بىز تۈركىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىمىزنى قەتئىي بۇزمايمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

لىۋىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ۋاقتىنچە توڭلىتىشقا ئالاقىدار چاقىرىقلارغا قارىتا بايانات ئېلان قىلغان لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى خالىد ئەل مىشرى: «كېلىشىمنى توڭلىتىش تەلىپىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز ۋە ئەيىبلەيمىز» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «گېرمانلار ۋە رۇسلار تۈركىيەگە كۈزدە كېلىدىغان بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيە ۋە روسىيە ساياھەتچىلىرى كۈزنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزىدىغان بولدى. سىنتەبىردە دېڭىز بويىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ %80 ى تولدى. تەلەپنىڭ ئۆكتەبىردىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە بۇ پەسىلنىڭ نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر