18.08.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1693092
18.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «ئەردوغان  15 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇداپىئە سائانىتى يەرمەنكىسى (IDEF21) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم باياناتلارنى بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن  15 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇداپىئە سائانىتى يەرمەنكىسى (IDEF21) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئەزەلدىن دۆلەت چېگرالىرىدىن ئون مىڭلارچە كىلومېتىرلىق يىراقلىقتىن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا پۇقرالار – مەسۇم كىشىلەرنىڭ بېشىغا بومبا ياغدۇرغانلاردىن بولمىغانلىقلىرىنى ۋە بولمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاندا ھازىرغىچە تالىباننىڭ بەرگەن سىگناللىرىغا ئىجابىي قاراۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمىز، ئافغانىستاندا بارلىق تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق دىيالوگ ئورنىتىۋاتىمىز.»

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۈچۈن <قېرىنداش دۆلەت> ئىبارىسىنى ئىشلەتمەيمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بىلەن كۆرۈشتكەن جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت باشلىقى پارك بىيوڭ سېئۇگ، جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى تەرەققىياتىنىڭ تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ غەيرەتلىرى سايىسىدا بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي كورېيە تۈركىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۈچۈن <قېرىنداش دۆلەت> ئىبارىسىنى ئىشلەتمەيدۇ، پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا <قېرىنداش دۆلەت> دەيمىز.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلاسززاك، <تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى 2022 – يىلى ئارمىيەمىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىيۇس بىلاسززاك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە بايقار مۇداپىئە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى خالۇق بايراقتار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە « Bayraktar TB2» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ، 2020 – يىلى پولشا قوراللىق قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «7 ئايدا 16 مىڭ 250 توننا قارادېڭىز سومون بېلىقى ئېكسپورت قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەدە 2021 – يىلىنىڭ 7 ئايلىق مەزگىلىدە 16 مىڭ 250 توننا قارادېڭىز سومون بېلىقى ئېكسپورت قىلىندى، بۇنىڭدىن 90 مىليون 316 مىڭ 827 دوللار كىرىم قولغا كىرگۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر