29.07.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1682046
29.07.2021

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «قارا دېڭىز تەبىئىي گازى بىلەن تۇنجى ئوت يېقىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ساكارىيا گازىنى يېقىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، «قارا دېڭىز گازىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن سىرتقا بېقىنىشنى تۆۋەنلىتىمىز. بىرىنچى باسقۇچلۇق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گازنى 2023 – يىلىغا ئۈلگۈرۈتۈش ئۈچۈن جاپالىق ئەمگەك قىلىنماقتا» دېدى. كېلەر يىلى دېڭىزنىڭ ئاستىغا 169 كىلومىتىر تۇرۇببا ياتقۇزۇدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن چوڭقۇر دېڭىز ئۇلىنىشى بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە بۇركىنا فاسوغا مېخانىكىلىق مىنا تازىلاش ئۈسكۈنىسى (MEMATT) ئېكسپورت قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «ASFAT» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مېخانىكىلىق مىنا تازىلاش ئۈسكۈنىسى  (MEMATT) ئەزەربەيجاننىڭ ئارقىدىن بۇركىنا فاسوغا ئېكسپورت قىلىندى. شۇنداق قىلىپ «ASFAT» شىركىتى ئافرىقىغا تۇنجى مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «تۈركىيەدىن چوڭ ئۇتۇق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مەركىزى ئىشخانىسى لوندوندا تۇرۇشلۇق تەتقىقات ئورگىنى «Ember» نىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كۆرسەتكۈچى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ بۇ مەزگىلدە شامال ۋە قۇياشتىن ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئومۇمىي ھەسىسىسى %12.9 غا ئۆرلىگەن. تۈركىيە شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىشتا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە 17-ئورۇنغا ئۆتكەن.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ھەر كۈنى 1323 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ياۋروپا بويىچە ئىككىنچى بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ياۋروپادىكى كۈندىلىك ئۇچۇش قېتىم سانى 1323 بولغان ئىككىنچى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولدى. پېگاسۇس ئاۋىئاتسىيە شىركىتىمۇ ياۋروپادا ئەڭ كۆپ ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى تىزىملىكىدە 8-ئورۇنغا  ئۆتتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «پاتارادىكى قېزىشتا 2300 يىللىق بېلىق ئىسكىلىتلىرى تېپىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئانتاليانىڭ كاش ناھىيەسىدىكى پاتارا قەدىمىي شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، يېمەك تاشلاندۇقلىرى ئارىسىدىن 2300 يىللىق بېلىق ئىسكىلىتلىرى تېپىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر