28.07.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1681414
28.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئانگولا پىرېزىدېنتى جوا مانۇئېل گونكالۋېس لاۋرېنكو (João Manuel Gonçalves Laurenço) بىلەن ئۆتكۈزگەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىرقى سودا ئومۇمىي ھەجىمىمىز 176 مىليون دوللار. بۇ ئىككى كۈچلۈك دۆلەت ئۈچۈن مەزكۇر سودا ئومۇمىي ھەجىمى ناھايىتى تۆۋەن. دەسلەپكى نىشانىمىز بۇ ساننى 500 مىليون دوللارغا چىقىرىش» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى خەۋەر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئامېرىكانىڭ «فوربېس» (Forbes) ژۇرنىلىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدا ناھايىتى زور ئېكسپورت بازىرى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئارىسىدا خېرىدار تېپىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ خەۋەر قىلغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ۋان ۋالىيسى مەھمەت ئەمىن بىلمەزنىڭ كۆچ بېسىمىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن، تۈركىيە-ئىران چېگرا بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، قانۇنسىز كۆچ ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېررورىستلارنىڭ مەخپىي چېگرادىن ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، 295 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنيەسىگە تام سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، 17-ئىيۇلدىن 25-ئىيۇلغىچە بولغان توققۇز كۈندە، ئانتالياغا رۇسىيەدىن 200 مىڭ 356، گېرمانىيەدىن 76 مىڭ 152، ئۇكرائىنادىن 68 مىڭ 663، پولشادىن 28 مىڭ 898 ۋە قازاقىستاندىن 15 مىڭ 917 بولۇپ، جەمئىي 562 مىڭ 907 چەت ئەللىك ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #سابھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر