16.07.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1676213
16.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق» گېزىتى: «15 – ئىيۇلدا مەيدانلار يەنە تولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (فەتۆ)نىڭ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى قانلىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە بەش يىل بولغانلىقىنى؛ شۇ كۈنى كېچىسى خەلقنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن مەيدانلارنى تولدۇرۇپ ناھايىتى ئېسىل قەھرىمانلىق ھېكايىسى يازغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەم شېھىتلەرنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى ھەم ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلار ئۈستىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبىنىڭ تەبرىكلەنگەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «ئەردوغان: ئۇلار ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە خىتاب قىلىپ: «بىز خەلقىمىزگە قارشى يوشۇرۇن مۇددىئالارغا ئىگە يامان نىيەتلىكلەرگە <غەلىبە قىلالمايسىلەر> دەۋاتىمىز. ئۇلار تۈنۈگۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى، بۈگۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى، ئەتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «15-ئىيۇل دېموكراتىيە مۇزېيى ئېچىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئۇدۇلىغا سېلىنغان، فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى)نىڭ قەبىھ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى مەخسۇس ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈشلەر بىلەن بايان قىلىنىدىغان 15 – ئىيۇل دېموكراتىيە مۇزېيىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەسكەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، مۇزېيدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرغان خەلقنىڭ كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان بىر كۆرۈنۈشنى كۆرۈۋېتىپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «مىللىي بىرلىك ۋە مەنىۋى كۈچنىڭ سىمۋولى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى قەبىھ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ سىمۋولى بولغان سەلاۋاتلارنىڭ (تۈنۈگۈنمۇ) تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى 90 مىڭ جامەدە قايتىدىن ئوقۇلغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى كېچىسى خەلقنىڭ بىرلىك روھىنى ئۇرغۇتقان ۋە ئۇلارغا مەنىۋى كۈچ بېغىشلىغان سەلاۋات سادالىرى، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 0 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە دۆلەت مىقياسىدىكى بارلىق جامەلەردە بىرلا ۋاقىتتا قايتىدىن ياڭرىغان.

«ستار» گېزىتى: «دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق مەيدانىدىن ئېنىق سىگنال: تۈركىيەنى (يېڭىپ) ئۆتكىلى بولمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى <تايمس مەيدانى>دىكى رەقەملىك ئېكراندا، 15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، تۈركىيە خەلقىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قوزغاشقا ئۇرۇنغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، غايەت زور رەقەملىك ئېكرانغا يەنە «دېموكراتىيەنىڭ غەلىبىسى» ۋە «تۈركىيەنى يەڭگىلى بولمايدۇ» دېگەن خەتلەرنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر