14.07.2021

بۈگنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1675044
14.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 13-ئىيۇل) خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

كۆرۈشۈشتە، سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە سەھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان قەدەملەر، ھەمدە رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ باراۋەر پۇقرالىرى بولۇش سۈپىتىدە، پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىشىنىڭ، تۈركىيە ئۈچۈن ئېيتقاندىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈنۈگۈن گىرېتسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايكىل خىرىستوس دىيامېسىس (MichaelChristos Diamessis) نىڭ، ئولىمپىياكوس پۇتبول كوماندىسى بىلەن تەييارلىق مۇسابىقىگە چۈشۈش ئۈچۈن ئافېناغا بارغان گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسىغا ئايرودۇرۇمدا قىلىنغان مۇئامىلىدىن پەيدا بولغان بىئاراملىق سەۋەبىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ تۈنۈگۈن ئافغانىستاندىكى ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «ناتودا تۈركىيەنىڭ تەشەببۇسلىرى نەتىجىسىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد جېيمېس ئاستىن بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان تېمىلار بار. مەقسىتىمىز ئافغانىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، خاتىرجەملىكى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانكنىڭ تۈنۈگۈن تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ: «ماي ئېيىدا سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى يىللىق %40، ئايلىق %1.3 ئۆرلىدى. بۇ 2021-يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىكى يۇقىرى ئېشىش ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار كومىسسارى يلۋا جوھانسون (Ylva Johansson) نىڭ، گىرېتسىيەنىڭ مۇساپىرلارنى قانۇسىز ھالدا دېڭىزدىن تۈركىيەگە قوغلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ «ياۋروپانىڭ ئاساسىي قىممەت قاراشلىرىغا خىلاپلىق قىلىش» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر