10.06.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1655198
10.06.2021

«‹ساباھ› گېزىتى»،  «تۈركىيە ۋە قىرغىزىستان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرۈشتە ھەمكارلىشىدىغان بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروف جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنى مۇزاكىرە قىلدۇق. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن بىخەتەرلىك تەھدىتى ئىكەنلىكىدە بىردەك پىكىرگە ئىگەمىز » دېدى. ئەردوغانمۇ: «بىز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بۇ تەھدىدنى يېڭىمىز» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «چاۋۇشئوغلۇ: <ئامېرىكا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  يالغۇز لىۋىيە ۋە سۇرىيەدىلا ئەمەس، ئاق دېڭىزىدىن قارا دېڭىز ۋە كاۋكاز رايونىغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. چاۋۇشئوغلۇ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەشتىمۇ باشقا تاللاشلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر ئامېرىكا ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىگە دائىر كاپالەت بەرمىسە، بىز باشقا ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىنمۇ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالالايمىز» دېدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى: <پ ك ك ۋە ي پ گ غا بەرگەن ياردەم چوڭ بىر مەسىلە> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا بېرىلگەن ياردەملەرنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئاساسلىق مەسىلە ياراتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا پ ك ك/ي پ گ بىلەن بولغان خاتا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى تۈركىيەنىڭ ئەندىشىسىنى كۆرۈپ يېتىشى لازىم. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بۇ جەھەتتە دادىل قەدەم تاشلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلىيالىشى مۇمكىن. ئىشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى دەل مۇشۇ»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك ئۈنۈم ۋە تېخنىكا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى. تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئايروپىلان زور قىزىقىش قوزغىدى. ئايروپىلان 55 مىڭ فۇت ئېگىزلىككە چىقىلايدۇ. تۈركىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايدىن قالسىلا، كۆرۈنۈش نىسبىتى تۆۋەن، ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى ۋە سۈنئىي ئىدراكقا ئىگە 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرالايدىغان 4 – دۆلەت بولدى. مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ 2023-يىلى كۆكلەردە پەرۋاز قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنىسى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە كوۋىد-19 غا قارشى بىر قانچىلىغان ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش لايىھەلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. فاھرەتتىن كوجا، «كېلەر ھەپتە ئىنسانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 3-باسقۇچلۇق تەتقىقات ئۈچۈن پىدائىيلىرىمىزغا ۋاكسىنا ئەملەيمىز، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋاكسىنىسى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر