09.06.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1654499
09.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن كانادادا يۈز بەرگەن ئىسلام دۈشمەنلىكى ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، كانادادا مۇسۇلمان بىر ئائىلىدىن 4 كىشىنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى سەۋەبلىك پىلانلانغان جىنايەت نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئويدۇرما قورقۇنچنىڭ نەپرەتكە، نەپرەتنىڭ دۈشمەنلىككە ۋە زوراۋانلىققا ئايلىنىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسالىدۇر. بۇ دەھشەتلىك يۈزلىنىش ۋە ۋەھشىيلىكنى چوقۇم توختىتىش كېرەك.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن ماراكەش ئوتتۇرىسىدا ۋاكسىنا كېنىشكىسى كېلىشىمى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ماراكەش دىپلوماتىيە مىنىستىرى ناسىر بورىتا بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە،  «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ۋاكسىنا كېنىشكىسىنىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشى قارارلاشتۇرۇلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى لىنىيەسىدىن توشۇلغان يۈك مىقدارى 1 مىليون توننىدىن ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى مىنىستىرى ئادىل قارائسمائىلئوغلۇ، ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى لىنىيەسىدىن ھازىرغىچە تەخمىنەن 1 مىليون توننا يۈك توشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «سۇ مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى يېرىم مىليارد دوللاردىن ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېكسپورتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دىققەت قوزغاۋاتقان سۇ مەھسۇلاتلىرى ساھەسى، بۇ يىلنىڭ 5 ئايلىق مەزگىلىدە بازىرىنى % 38 تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چەت ئەل ئېكسپورتىدىن  522 مىليون دوللارلىق كىرىم قولغا كىرگۈزدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «فىلەنىڭ سۇلتانلىرى رۇسىيەنى مەغلۇب قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ئا مىللىي ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، ئىتالىيەنىڭ رىمىنى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن FIVB مىللەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ 3-ھەپتىسى ئۈچىنچى ۋە ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسىدە  رۇسىيە كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر