08.06.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1653788
08.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۋىتتېردا تۈنۈگۈن (2021-يىلى 7-ئىيۇن) رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ بارغان فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىيان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلدۇق. فىرانسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا كۈچەيتىشنى نىشان قىلىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستېمال دۆلىتىدىن ئىشلەپقىرىش دۆلىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر ساكاريا تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدا خىزمەت قىلىۋاتىمىز. ئېھتىمال بۇ يىل (2021) ئىچىدە مەشغۇلات رايونىنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىدە تەكشۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بىر قۇدۇق قازىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، لاتۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارتىس پابرىكس (Artis Pabriks) نىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 7-ئىيۇن) «بايراكتار مىللىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەتقىقات ۋە ياساش مەركىزى» نى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، لاتۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارتىس پابرىكسنىڭ بۇ توغرىدا تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «تۈركىيە سانائىتى، تەتقىقات مەركەزلىرى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەملەرگە ئىگە. ناتو ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭغا كۆپ ئەھمىيەت بېرىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، 2021-يىلى يانۋاردىن ماي ئېيىغىچە بولغان بەش ئايلىق مەزگىلدە، ئايروپىلاندا سەپەر قىلغان يولۇچىلار سانىنىڭ 30 مىليونغا يېقىنلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر