11.05.2021
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1637910
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پەلەستىن توغرىسىدا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى (ئۆتكۈزدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە سادىر قىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايىتى دۇنيانىڭ ئاساسلىق قىزىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلەش باياناتلىرىنى ئېلان قىلىشتىن ھالقىپ بىرەر قەدەم تاشلىيالمىغانلىقىنى؛ مۇشۇنداق مۇھىم بىر پەيتتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قۇددۇس ۋە غەززەدىكى قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ بىلەن، ئارقىدىنلا كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ نەۋۋاف ئەلئەھمەد ئەسساباھ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى يازدى.