07.05.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1635885
07.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋەتەن» گېزىتى: «چاۋشئوغلۇ <مىسىر> ھەققىدە بايانات (بېرىپ): (مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبەتلىرى) داۋاملىشىدۇ (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ، تۈركىيە ۋە مىسىر ۋەكىللىرىنىڭ قاھىرەدە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئىجابىي كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى بىلەن ئىلگىرى ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالاقە ئورناتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا داۋاملىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «تۈركىيە ئىسرائىلىيە توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستىكى قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىشنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: «تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنىسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى — TÜBİTAK رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ھاسان ماندالنىڭ، تۈرك ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان يېڭىلىق يارىتىشچان ۋاكسىنانىڭمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

تۈركىيەنىڭ ۋىرۇسقا ئوخشاش زەررىچىلەر (VLP) نى ئاساس قىلغان ۋاكسىنامۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگەنىدى.

«ساباھ» گېزىتى: «بۇ يىل ئامېرىكا تۈركىيە مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى ساھەسى ئېكسپورتىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ بۇ يىل (2021) نىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا 1 مىليارد دوللارغا يېقىن مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلغانلىقىنى، سېتىۋېلىش جەھەتتە 386 مىليون 100 مىڭ دوللار بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «ئۇكرائىنادىن كېيىن، رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەگە كېلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇئاۋىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى نادىر ئالپئاسلاننىڭ، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ بىخەتەر ساياھەت گۇۋاھنامىسى پىروگراممىسىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن: «بىزنىڭ رۇسىيە ئۈچۈنمۇ شۇنداق پىلانىمىز بار، روزا ھېيتتىن ئىلگىرى رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشىمىز مۇمكىن» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر