05.05.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1634228
05.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيە قىسىملىرى كىرگىلى بولمايدۇ، دېيىلگەن يەردە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارىتىلغان «پەنجە – گۈلدۈرماما» ۋە «پەنجە – چاقماق» ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، تۈركىيە قىسىملىرى، قەندىل ۋە قوللىغۇچىلىرى «ھېچكىم كىرەلمەيدۇ» دەۋاتقان ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە «زەندۇرە ئېگىزلىكى» گە يېتىپ بېرىپ، تېررورچىلارنىڭ بازا ساھەلىرىنى كونترول ئاستىغا ئالدى. تېررورچىلار پات – پات بۇ رايوندىن تۈركىيە چېگراسىدىن ئورۇن ئالغان ھەربىي بازا رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇاتتى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى مەۋجۇدىيىتى مۇھىم» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە بىلەن دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقى كېلىشىمى دائىرىسىدە، شەرقىي ئاقدېڭىزدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «گىرېتسىيەنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىناۋەتسىز قىلىش تيەشەببۇسلىرى بىھۇدە ئۇرۇنۇشتۇر» دېدى.

ئۇ، ئەنقەرەنىڭ لىۋىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرى، مۇناسىۋەتلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت ئائىلىسى بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرى، بۇ ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كارخانىلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. ئاپرېل ئېيىدا، 2 مىڭ 444 شىركەت تۇنجى قېتىم ئېكسپورت ساھەسىگە قەدەم قويدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، 6788 شىركەت 345 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئېكىسپورتنىڭ كېيىنكى ئايلاردا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىشىدا، ئېكسپورت ساھەسىگە يېڭى قەدەم تاشلىغان شىركەتلەر مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.

«‹ستار› گېزىتى»، «ئەزەربەيجان تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق نىشانلارنى بىر – بىرلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، تۈركىيەدە ئىشلەنگەن «بايراقتار» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەمبەھىرلىگەن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرلاردا، «بايراقتار» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ توختىتىش مەيدانىدىن چىقىرىلىپ، قوندۇرۇلۇشى، خادىملار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى ۋە يېقىلغۇ قاچىلىنىشى ئورۇن ئالدى. ھەربىي مانېۋىر دائىرىسىدە قوزغالغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، تەقلىدىي دۈشمەن نىشانلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، بىر – بىرلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىغا قارىماي تەرەققىي قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەر زىيان تارتىۋاتقان بىر پەيتتە، ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ئىلكەر ئايجى، «كۆك يۈزىدە تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا، لۇفتانسا 1 مىليارد ياۋرو،  Swiss Air  بولسا 350 مىليون دوللار زىيان تارتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر