11.05.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1633580
11.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىيادىسنىڭ تۈركىيەنى نىشان قىلغان باياناتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋە خەلقىمىزگە قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىنى ئوخشاش ھالدا ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۆمەر چەلىكنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى3-ماي) ئېلان قىلغان باياناتىدا، «رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئويۇنچۇقى قىلىۋالغانلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بىر مەسىلە بولسا، بۇ ئۇلارغا خەيرىلىك بولسۇن» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ 27- ئاپرېلدىن29-ئاپرېلغىچە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ۋە بەش دۆلەتنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «باراۋەر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىغا تايانغان ھەل قىلىش چارىسى» غا، «تەكەببۇرلۇق» دەپ باھا بەرگەن قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىيادىسنىڭ «ئەينەككە قاراپ تەكەببۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشىنى» چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ ئاپرېل (2021) ئېيىدا 2 مىليارد 465 مىليون 647 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورتى بىلەن، ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلغان ساھە بولۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان ئۈچ دۆلەت ئىچىدە، 1 مىليارد 654 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت بىلەن گېرمانىيەگە قىلىنغان ئېكسپورتنىڭ بىرىنچى ئورۇندا، 1 مىليارد 182 مىليون دوللار بىلەن ئامېرىكاغا قىلىنغان ئېكسپورتنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا ۋە 1 مىليارد 33 مىليون دوللار بىلەن ئەنگلىيەگە قىلىنغان ئېكسپورتنىڭ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، فىرانسىيەلىك كومىدىيە ئارتىسى دىيۇدون مبالا (Dieudonne M'bala) نىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، دىيۇدون مبالانىڭ مەكتۇپتا ئىسىرائلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى مۇستەملىكە قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن 20 يىل سىستېمىلىق ھالدا تۆھمەت، قارا چاپلاش ۋە چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر