30.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1631301
30.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: «ئەردوغان: سىرتقا بېقىنىشقا خاتىمە بېرىمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېقىنقى 19 يىلنىڭ مابەينىدە مۇداپىئە سانائىتىنى ھەر ساھەدە يۇقىرى تېخنىكا، تەتقىقات ۋە تەرەققىياتنى ئاساس قىلغان دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى، ھەمدە سىڭدۈرۈلگەن ئەمگەك ۋە ئاجرىتىلغان مەبلەغلەرنىڭ ئۈنۈمىنى بىر – بىرلەپ كۆرۈشكەن باشلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ئەمدى ئايروپىلان بومبىلىرىمىز، ئوق- دورىلىرىمىز، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىمىز ۋە ئوق باشلىرىمىزنىڭ پارتىلاتقۇچ دورىلىرى مەسىلىسىدە ھېچكىمگە تايانمايمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «ئەرسىن تاتار: بىز ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى مۇنازىرە قىلىشقا ئاچمايمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە قىبرىستىكى ئىككى تەرەپ بىلەن كاپالەتچى دۆلەتلەر — تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا باشلانغان 1+5 غەيرىي رەسمىي قىبرىس يىغىنىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى؛ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى بەس – مۇنازىرە قىلدۇرمايدىغانلىقلىرىنى، بارلىق تەرەپلەرنىڭ بۇ قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ھەقلىرىمىزنى تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «ئىستانبۇل ئايرودرومى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا ياۋروپا بويىچە باشلامچى (بولدى) » سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ياۋروپا ھاۋا يوللىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ 1- يانۋاردىن 28- ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا 63 مىڭ 64 قېتىملىق ئايروپىلان ئۇچۇش سانى بىلەن ياۋروپادىكى ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئايرودرومغا ئايلانغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنى باشقۇرغۇچى شىركەت —IGA نىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «بىز دۇنيانىڭ ئاۋىئاتسىيە مەركىزى سۈپىتىدە ئاتلانغان بۇ يولدا 2021- يىلىنىڭ ئالدىنقى 4 ئېيىدا ياۋروپا بويىچە باشلامچى ئورۇننى ساقلاپ قالدۇق...» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «گېرمانىيەنىڭ تەتىل زاكاسلىرى تىزىملىكىدە ئانتاليا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئانتاليا سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى داۋۇت چەتىننىڭ، ياۋروپادا يۇقۇمغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ياز ئايلىرىدا ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئېشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە، چەتىننىڭ، گېرمانلارنىڭ تەتىل زاكاسلىرىدا ئانتاليانىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئىيۇن ئېيىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار» گېزىتى: «تۈرك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تەرەققىي قىلدۇردى؛ ئۆيدىمۇ كۆزنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەنقەرەدىكى بىر تۈركۈم ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ، كۆزنى مەۋھۇم رېئال كۆزەينەك ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈرك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، كۆز تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇمشاق دېتالغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى رەقەملىك سۇپىغا يۆتكىگەن. تۇنجى مودېلى ياساپ چىقىلغان 500 گرام ئېغىرلىقىدىكى كۆزئەينەك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ۋە باھاسى ئەرزان بولۇپ، ئەنئەنىۋى ۋە قىممەت باھالىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق قىلىنىدىغان تەكشۈرۈشلەرنى مەۋھۇم رېئال مۇھىتتا ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر