14.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1621003
14.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان <ئۇدا ئىككى ھەپتە قىسمەن كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەدبىرلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئەردوغان،  15  كۈنلۈك «قىسمەن ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق تەدبىرلىرى» دائىرىسىدە؛ ھەپتە ئاخىرلىرى تامامەن، ھەپتە ئىچى (ئەنقەرە ۋاقتى سائەت) 19.00 – 05.00 ئارىلىقىدا كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ سائەتلەر سىرتىدا شەھەرلەر ئارا ساياھەتلەرنىڭ زۆرۈر ئەھۋاللارنىڭ سىرتىدا مەنئىي قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر بۇ تەدبىرلەر ئىشقا يارىمىسا، رامىزاننىڭ داۋامىدا ۋە روزا ھېيتتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىن ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا «ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسى» غا مۇناسىۋەتلىك يىغىن ئىستانبۇلدا 24 – ئاپرېلدىن 4 – مايغىچە چاقىرىلىدۇ. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىننىڭ ئاساسلىق نىشانى، كىرىزىسكە ئادىل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك بىر سىياسىي چارىنىڭ تېپىلىشى يولىدا دوھادا داۋاملىشىۋاتقان «ئافغانىستان مۇزاكىرىلىرى» نىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ كەمچىل تەرەپلىرىنى تولۇقلاش ئىكەن.

«‹ستار› گېزىتى»،  «تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىگە مەبلەغ سېلىشتا ياۋروپادىكى ئالدىنقى رەتتە تۇرىدىغان بەش دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە، بىر مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق قۇرۇقلۇقتىكى شامال ئېنېرگىيەسى سېلىنمىلىرى بىلەن، 2020-يىلى ياۋروپادا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەتلەر رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى بەش دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ناسا مۇسابىقىسىدە <ۋان كۆلى فوتو سۈرەتلىرى» قازاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «يەرشارى خاراكتېرلىك مۇسابىقە» ناملىق تور فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە، ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان «ۋان كۆلى فوتو سۈرەتلىرى» بىرىنچىلىككە تاللاندى. 2016-يىلى 9-ئايدا ئالەم ئۇچقۇچىسى كەيت رۇبىنس تارتقان فوتو سۈرەتلەر ئۈچۈن، «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودالىق كۆللەردىن بىرىنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىدۇ» دېيىلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «رۇس ساياھەتچىلەر تۈركىيەگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىگە چەكلىمە قويۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رۇس ساياھەتچىلەر ئۆزلىرى ساياھەت ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بارىدىغان تۈركىيەگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىگە چەكلىمە قويۇلۇشىدىن كۆڭۈللىرىنىڭ ئىنتايىن يېرىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن رۇس ساياھەتچىلەر، قارارنىڭ بكار قىلىنىشى ئۈچۈن ئىمزا سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر