13.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە؛

1620161
13.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە-لىۋىيە كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ لىۋىيەنى قوللاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «لىۋىيە بىلەن دېڭىز ھوقۇقى ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىمزالانغان كېلىشىم، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە ئىستىقبالىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرىنىڭ دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق دىيالوگ ۋە خەلقئارالىق قانۇن- قائىدەلەرگە ئۇيغۇن مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ھەر يىلى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، دۇنياۋى كۈچ رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلىدىغان ۋە مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان «يەر شارى ئوت كۈچى ژۇرنىلى» نىڭ (Global Firepower)، 2021-يىللىق ھەربىي كۈچ تەرتىپىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يېقىنقى يىللاردىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تېخنولوگىيەسى بىلەن، دۇنيادىكى چوڭ ئارمىيە ئارىسىغا كىرگەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 11-رەتتىن ئورۇن ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى شىركىتىنىڭ، مۇھىم لايىھەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەرلىك كۈرەشچى مەشىق ئايروپىلانى-ھۈرژېت ئۈچۈن زاپچاس ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يىل ئاخىرىدا قوراشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى باشلاشنىڭ پىلان قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ستار گېزىتى»، ياۋروپا ئايروپىلان سەپەرلىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ 4-11-ئاپرېل كۈنلىرىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى دوكلاتىغا ئاساسەن، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ كۈنلۈكى ئوتتۇرىچە 779 ئايروپىلان سەپىرى بىلەن ياۋروپادىكى رەقىپلىرىنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر