09.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1617934
09.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ» گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يەرلىك ۋاكسىنا قارىشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (D - 8) نىڭ تۈنۈگۈن چاقىرىلغان يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، كوۋىد – 19 ۋىرۇسىغا قارشى ئىشلەپچىقىرىلغان يەرلىك ۋاكسىنا ھەققىدە توختىلىپ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىنسان ئۈستىدە سىناق قىلىشنى باشلىغان يەرلىك ۋاكسىنىمىزنى <ھېچكىمنى تاشلاپ قويماسلىق> پىرىنسىپىغا ئاساسەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: «گېرمانىيەنىڭ فاز گېزىتى: تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى گېرمانىيە ئارمىيەسىنى ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىگە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىدى (دەپ يازدى) سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، گېرمانىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان <فىرانكفورت ئالگېمېين زېيتۇڭ (FAZ)> گېزىتىنىڭ، ئەزەربەيجان ئىشلەتكەن تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلىرىنىڭ 190 دىن ئارتۇق ئەرمېنىيە تانكىسى ۋە برونېۋىكىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ گېرمانىيە ئارمىيەسىدە چۈچۈش پەيدا قىلغانلىقى ۋە تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيەسىنى ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىگە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «تۈركىيە 95 دۆلەتكە چاي ئېكسپورت (قىلدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ 2021 - يىلى 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە 95 دۆلەتكە قىلغان چاي ئېكسپورتىنىڭ بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا مىقدار جەھەتتە %23، قىممەت جەھەتتە %33 ئاشقانلىقىنى ۋە چاي ئېكسپورتىدىن كىرگەن چەت ئەل پۇلى كىرىمىنىڭ 5 مىليون 124 مىڭ دوللارغا يەتكەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ كاپادوكيا كۆرۈنۈشلۈك ئېل كىلاسىكو تونۇتۇشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىسپانىيەنىڭ بىرىنچى پۇتبول بىرلەشمىسى (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى) نىڭ 30 - ھەپتىسىدە، رىئال مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ 10 - ئاپرېل شەنبە (ئەتە) ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئېل كىلاسىكو» مۇسابىسىدىن بۇرۇن كاپادوكيا كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن بىر سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تونۇتۇش ۋىدېئوسىدا، تۈركىيەنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان كاپادوكيادىكى پەرى تۇرخۇنلىرى مەنزىرىلىك ئىسسىق ھاۋا شارى ئۈستىگە  رىئال مادرىد ۋە بارسېلونا كوماندىلىرىنىڭ بايراقلىرى چۈشۈرۈلگەن.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «20 - نۆۋەتلىك بوستون تۈرك كىنو – فىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سەرخىل تۈرك كىنو – فىلىملىرى تونۇشتۇرۇلىدىغان « 20 – نۆۋەتلىك بوستون تۈرك كىنو – فىلىم فېستىۋالى»نىڭ 15 – ئاپرېلدىن 30 – ئاپرېلغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بوستون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن تور مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان فېستىۋال جەريانىدا، ھازىرقى زامان تۈرك كىنوچىلىقىدىكى يارقىن ئۈلگىلەرنىڭ ئامېرىكالىق تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر