07.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1616360
07.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «قالىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى  بىلەن ئېلىپ بارغان مۇھىم ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېل بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە تۈركىيەنىڭ كۆز – قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى ئېيتتى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېل، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، ھەمكارلىق، كۆچمەنلىك ۋە خەلقلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىجابىي كۈنتەرتىپ سۇنۇشقا تەييارمىز.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، مۇنداق دېدى: «تاموژنا بىرلىكى بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەۋجۇت قىيىنچىلىقلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، يېڭىلاش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيمىز.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «بلومبېرگدىن ماختاشلار بىلەن تولۇپ تاشقان خەۋەر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جايلاشقان «‹بلومبېرگ› ئىقتىساد گېزىتى»،  بولۇپمۇ ئەزەربەيجان تەرىپىدىن تاغلىق قاراباغدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ «بايقار شىركىتىنىڭ < TB2> تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى لىۋىيە ۋە ئەزەربەيجاندىكى توقۇنۇشلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىدى» ئىبارىلىرىگە ئورۇن ئاجراتتى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «< turkishsouq.com > تور بېتى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيادىن سودا – سېتىق قىلغىلى بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى مىنىستىرى ئادىل قارائسمائىلئوغلۇ، « turkishsouq.com » تور بېتى ئارقىلىق ئەنگلىيەدىن ئىتالىيەگىچە، شىۋېتسىيەدىن پورتۇگالىيەگىچە، رۇسىيەدىن ئاۋسترالىيەگىچە، كانادادىن بىرازىلىيەگىچە ئوخشىمىغان 47 دۆلەتكە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنىشتەك ياخشى شارائىتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەخمىنەن 300 مىڭ مەھسۇلاتىمىز دۇنيا بازارلىرىغا سېلىنماقتا.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 17 مىڭ قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى رەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا ئاۋىياسىيە يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ، 1 – مارتتىن 31 – مارتقىچە بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى، كۈنىگە ئوتتۇرىچە 17 مىڭ 407 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن، ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى رەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر