09.03.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1597667
09.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 11-قېتىملىق بوغۇز ئىچى يىغىنىغا سىنلىق تەبرىكنامە ئەۋەتىپ، «تۈركىيە ئىقتىسادىي ئېشىشتا خىتايدىن كېيىن ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. يېقىنقى مەزگىلدە دۆلىتىمىزگە كەلگەن چەت ئەل مەبلىغى ئېشىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا شېھىت قىلىنغان 13 تۈرك پۇقراسىغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانكنىڭ خىتاي ئەقىللىق تېلېفون ئوپپو (Oppo) شىركىتىنىڭ ئىستانبۇل تۇزلادا قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان فابرىكاسىدا سىناق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مىنىستىر مۇستافا ۋارانكنىڭ فابرىكا تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە، مىڭ كىشىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئانتاليانىڭ دەمرە ناھىيەسىدە ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەمرەگە كەلگەن رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر، ئاقدېڭىزنىڭ كۆپكۆك سۈيىدە پاراخوت ساياھىتىنى باشلىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ سۇغا ئۈزۈپ دېڭىزنىڭ كەيپىنى چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر