03.03.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1594106
03.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى تەشۋىقات يىغىنىدا، مۇنداق دېدى: «نىشانى، شەخسلەرنى ئەركىنلىككە ئىگە قىلىش، كۈچلۈك جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تۈركىيەنى تېخىمۇ دېموكراتىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش بولغان ھەرىكەت پىلانىمىز، 11 يادرولۇق پىرىنسىپ بىلەن باشلىنىدۇ. دەرۋەقە، بۇ پىلانىمىز، بۇ باسقۇچنىڭ ئاخىرىدا، 9 مەقسەت، 50 نىشان ۋە 393 پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇدا 2 يىل ئىچىدە يولغا قويۇلۇش ئۈچۈن تەييارلاندى.»

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ياردىمىنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئەزەربەيجان مەدەنىيەت مىنىستىرى ئانار كېرىموۋ، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قارىتا ياردەملىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قېرىنداش تۈركىيەنىڭ ياردىمىنى پەقەت تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل تارىخ مابەينىدە چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرىمۇ <كاۋكاز ئىسلام قوشۇنى> بىلەن بىرلىكتە ئەزەربەيجاننى، باكۇنى ئىشغالدىن ئازاد قىلغانىدۇق، بۈگۈنمۇ تاغلىق قاراباغنى سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار سايىسىدا ئىشغالدىن ئازاد قىلدۇق، تۈركىيە دۆلىتىگە ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز، بۇ ياردەملەرنى ھېچقاچان ئۇنتۇمىدۇق، ئۇنتۇمايمىز.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدىكى فېۋرال ئېكىسپورتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، تۈركىيەنىڭ فېۋرال ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئېكسپورتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «فېۋرال ئېيىدائېكسپورتىمىز% 9.6 ئېشىپ، 16 مىليارد 12 مىليون دوللارغا يەتتى.  بۇ ئارقىلىق، بىز تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدىكى فېۋرال ئېكىسپورتىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مەسىلىسىدە قولغا كەلتۈرۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا يەنە تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى كۈنتەرتىپكە كەلدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئېنىقلىمىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلگەن « Defense News» نىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىلدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ دەرىجىسى ياۋروپا بويىچە باشلامچى ئايرودۇرۇمغا يۈكسەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ياۋروپا ھاۋا يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ 22-فېۋرالدىن 28-فېۋرالغىچە بولغان ھاۋا قاتنىشىغا ئالاقىدار دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ئالدىنقى ھەپتە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئۇچۇش سانى جەھەتتە ياۋروپادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئايرودۇرۇم بولغان. جۈملىدىن، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى، كۈنىگە ئوتتۇرىچە 501  بىلەن ئالدىنقى رەتكە تىزىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر