02.03.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1593325
02.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 81 ۋىلايەتنى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرگە ئاساسەن تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىغانلىقلىرىنى، تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا خەتەرلىك ۋىلايەتلەردە ھەپتە ئاخىرلىرى تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى، يۇقىرى ۋە ئىنتايىن يۇقىرى خەتەرلىك ۋىلايەتلەردە تەدبىرلەرنىڭ يەكشەنبە كۈنلىرى داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2020-يىلىدا %1.8، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە %5.9 ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋاننىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرى توغرىسىدا: «دۇنيادا ۋابا پارتلىغان 2020-يىلىنى ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان دۆلەتلەردىن بىرى بولدۇق» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، نورۋېگىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېرلىڭ سكجونسبېرگ (Erling Skjonsberg) نىڭ: «تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئەڭ كەڭ ئېلېكتىر قولۋاقنىڭ نورۋېگىيە دېڭىزىدىكى سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، دۇنيا مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى شەيخ ساغىرنىڭ فىرانسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە بىلەن پاكىستان ھۆكۈمەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، بۇردۇر ۋىلايىتىنىڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان سالدا كۆلىنىڭ «دۇنيا تەبىئەت مىراس» ى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سالدا كۆلىنى قوغداش جەمئىيىتى تەرەپىدىن سۇنۇلغان ئىلتىماستا، سالدا كۆلىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىپ، كۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك ۋە ئىلمىي تەتقىقات نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر