01.03.2021
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1592686

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: «تۈركىيەنىڭ مەلۇماتلىرى تۈركىيەدە قالىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى رەقەملىك ئۆزگەرتىش ئىشخانىسى باشلىقى ئەلى تاھا كوچ، گوگۇل، ئامازون، فېيسبۇك، ئالما قاتارلىقلارغا تەڭداش مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ تۈركىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيەنىڭ سانلىق ئۇچۇرلىرى تۈركىيەدە قالىدۇ. بۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يەرلىك مەھسۇلاتلارنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى، ھازىرىي ئۇچۇرلىشىش ۋاسىتىلىرى ۋە سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىن ئەپلىرىنىڭ يەرلىك نۇسخىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.