26.02.2021
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1591205

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى قالىن: <ئەرمېنىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلەيمىز> (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئەرمېنىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلەيمىز. سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئەزەلدىن دېموكراتىك جەريانلارنى ئاقسىتىپ، قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ كەلدى. بىز ئەرمېنىيە ۋەزىيىتىنىڭ دەرھال نورمال ھالەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.