22.02.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1588175
22.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان جازانى توختىتىشى كېرەك (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىرانغا قاراتقان بىر تەرەپلىمە جازادىن ۋاز كېچىپ، ئىران خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى ئالدىدىكى ناھەق توسۇقلارنى ئېلىپ تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ھەمدە يېقىنقى بىر نەچچە كۈننىڭ مابەينىدە بۇ توغرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان باياناتلارنىڭ يېڭى بىر پۇرسەت كۆزنىكىنىڭ ئېچىلىشىغا ۋاسىتە بولغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى: «فاھرەتتىن ئالتۇن: پ ك ك نىڭ قەتلىئاملىرىنى ئۇنتۇلدۇرمايمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ، يېقىندا ئىراقنىڭ گارا رايونىدا گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقراسى 13 كىشىنى شېھىت قىلىۋەتكەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قەتلىئاملىرى توغرىسىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر تارقىتىپ: «قولى قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك 1984  - يىلىدىن بۇيان بوۋاق، كىچىك بالا، ئايال، ياش، قېرى دەپ ئولتۇرماستىن پۇقرالارنى قەتل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىرىلىرى كۆرمەسكە سالسىمۇ، بوۋاق قاتىلى پ ك ك نىڭ قەتلىئاملىرىنى ئۇنۇتمىدۇق، ئۇنۇتمايمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «رۇسىيە تۈركىيە بىلەن س – 400 نى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھەربىي - تېخنىكا ھەمكارلىق مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكسېي فرولۇندا، س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى  توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنقەرە بىلەن ھەربىي - تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بويىچە سۆھبەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «تۈركىيەگە سېلىنىدىغان بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئېشىشىدىن ئۈمىد بار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد ۋە قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتىنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا  چەت ئەللىكلەرنىڭ ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يۇمشاق دېتال ۋە ئەشيا ئوبورۇتى ساھەلىرىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مۆلچەرلەرگە ئورۇن بەردى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەنى تاللىشىدىكى سەۋەبلەردىن بەزىلىرىنىڭ پايدا ياراتقىلى بولىدىغان مۇھىت، لاياقەتلىك ئەمگەك كۈچى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنىڭ مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بولۇشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

«ستار» گېزىتى: «پۈتۈنلەي بىيودىزېل بىلەن ئىشلەيدىغان تۇنجى گېنېراتور تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇلدىكى ئاركەن گېنېراتورى شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى تۇنجى تولۇق بىيودىزېل يېقىلغۇلۇق گېنېراتورنىڭ ئەسلى مودېلىنى ئىشلەپچىقارغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىيو دىزېل گېنېراتور ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك تاشلاندۇقلىرىدىن ھاسىل بولغان دىزېلنىڭ قايتا ئىشلىتىلىشى پرىنسىپىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، 100 پىرسەنت بىيو دىزېل يېقىلغۇلۇق گېنېراتورنىڭ پاتېنت ھوقۇقىن ئالغان ئاركەن گېنېراتور شىركىتى، ئۇنىڭ تۇنجى مودېلىنى ئوتتۇرا مەزگىلدە تاۋارلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر