16.02.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1584489
16.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 15-فېۋرال) بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا 13 تۈركىيە پۇقراسىنى شېھىت قىلغانلىقىغا ئاۋاز چىقارمىغان ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «قېنى سىلەر پ ك ك نى، ي پ گ نى قوللىمايتتىڭلار، دەل ئەكسىچە قوللاۋاتىسلەر ۋە ئارقىسىدا تۇرۇۋاتىسلەر» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قەتلىئامىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىغا قارىتا بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقنىڭ «ئەڭ قاتتىق شەكىلدە» تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «ئامېرىكا باش ئەلچىسى داۋىد سەتېرفىلد مىنىستىرلىقىمىزغا چاقىرىلدى ۋە نارازىلىقىمىز ئەڭ قاتتىق شەكىلدە يەتكۈزۈلدى» دېيىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئىراقنىڭ گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن 13 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىدا، «تۈركيە پۇقرالىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەرلىرى توغرا بولسا، بۇ ھەرىكەتنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلگەن ئىدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 15-فېۋرال) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ شېھىت قىلىنغان 13 تۈركىيە پۇقراسى ئۈچۈن تەزىيەسىنى يەتكۈزۈپ، بۇنىڭغا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن گۈربۈز سەۋىلاي بىلەن تامەر ئاۋجىنىڭ مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆزبېكستاندىن تۈركىيەگە تۇتۇپ كېلىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، گۈربۈز سەۋىلاينىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك-پ ي د|ي پ گ-س دگ نى قورال بىلەن تەمىنلەش ھەرىكىتىدە بولغانلىقى ۋە تەشكىلاتنىڭ نامدىكى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، مەسۇت ئۆزىلنىڭ فەنەرباھچە كوماندىسىغا يۆتكىلىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا مۇراسىمىدا، مەخسۇس تەييارلانغان ۋە مەسۇت ئۆزىل ئىمزالىغا ئۈچ فورمىنىڭ جەمئىي 36 مىڭ 50 ياۋروغا سېتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر