12.02.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1582249
12.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ۋاكسىنا ئەملەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، «ئىككىنچى باسقۇچلۇق ۋاكسىنا ئەملەتتىم. ئىنشائاللاھ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بارلىق پۇقرالىرىمىزنى ئەملەشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى 2021-يىللىق مالىيە يىغىنلىرى ئۈچۈن لەفكوشاغا يېتىپ بارغان مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاينىڭ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى مەسىلىسىدە قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياج بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى باسقانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فاتىھ دۆنمەزنىڭ، «ئىككى دانە لەيلىمە گاز ساقلاش ئامبىرىنى خىزمەتكە كىرىشتۈردۇق. بار بولغان گاز ساقلاش ئامبارلىرىمىزنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇردۇق. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈچىنچى لەيلىمە گاز ئامبىرى مۇشۇ يىل ئىچىدە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، فىرانسىيەنىڭ خاس (Reims) شەھىرىدە «ل. ئىستانبۇل» (L'Istanbul) ناملىق كاۋاپ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى تۈركىيەلىك ماۋزەر تاشدەلەننىڭ، بەلگىلەنگەن كۈن ۋە ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز دۆنەر كاۋاپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ماۋزەر تاشدەلەننىڭ سەھىيە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش ئۈچۈن قىلىۋاتقان سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ، نۇرغۇن فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر